Chinese→UyghurMain Dictionary
奥格斯堡宗教和约
دۇنيا تارىخى
ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى
گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەلگىكلەر مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامە. 1555-يىلى 9-ئايدائاۋگسېۇرگتا ئىمزالانغان. بۇ شەرتنامىدە ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنى ئاتالمىش <دىننىي دۆلەتكە قاراپ بېكىتىش پرىنسىپى> نى ئېتىراپ قىلىش؛ لۇتېر مەزھىپىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ھەقىقىي تۈردە تىكلەش (كالۋىن مەزھىپى يەنىلا قانۇنسىز ئورۇندا تۇرغان)؛ 1552-يىلقى <پاسسائۇ شەرتنامىسى> دىن بۇرۇن پروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر ئىگىلىۋالغان كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى پروتېستانت ۋە كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ئارا ئۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەگلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتكەن.