Chinese→UyghurMain Dictionary
奥地利国民自卫军中央政治委员会
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي سىياسىي كومىتېتى
ئاۋسترىيىدىكى 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى بىلەن ئىنىستىتۇت ئارمىيىسىنىڭ ئىنقىلابىي رەھبەرلىك ئورگىنى. 1848-يىلى 4-ئايدا ۋېنادا قۇرۇلغان. ئۇ ۋېنا خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھەربىي تەشكىلاتىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دېموكراتىيە پرىنسىپىنى قوغدىغان، خان جەمەتى تۈزگەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، بىر پالاتالىق پارلامېنت ۋە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى يولغا قۇيۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ھۆكۈمەت بۇ كومىتېتقا ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىشنى بۇيرۇغان ھەمدە قورال كۈچى ئارقىلىق تەھدىت سالغان. 5-ئاينىڭ 51 - كۈنى كومىتېت نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان خەلق نامايىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنى كومىتېتنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە ئاساسىي قانۇننىڭ بەزى ماددىلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ۋېنادىكى ماي قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، 15-ماي ۋە 62-ماي غەلىبىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ۋېنانىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەسئۇل بولغان، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئىچكى زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈزلىشىپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان. ھۆكۈمەت 8-ئايدا ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلۈكىدىن تارقالغان.