Chinese→UyghurMain Dictionary
安田财阀
دۇنيا تارىخى
ياسۇدا مالىيە زومىگىرى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياپونىيىدىكى چوڭ مالىيە زۇمىگىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭغا ئاساس سالغۇچى ياسۇدا ئىچىرو (1821 - 1838) ئەڭ دەسلەپ <ياسۇدا سودا سارىيى> نى ئاچقان، سەرراپ كەسپىنى يولغا قويغان. مېيجى يېڭىلىقىدىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياسۇدا بانكىسى، ياسۇدا ھاۋالە شىركىتى، ياسۇدا ھاياتلىق ئىستراخۇۋانىيە شىركىتى قاتارلىق مۇھىم تىجارەتنى يولغا قويغان ۋە ئۇنى باشقۇرۇپ كەلگەن. ياسۇدا مالىيە زومىگىرىنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتى سۈپىتىدە 1887 - يىلى ياسۇزېن ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان. 1912 - يىلى گۆنازۇكۇ شىركىتى ياسۇزېن ئۇيۇشمىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرى، ياسۇدانىڭ ياسۇزېن ئۇيۇشمىسىغا بىۋاستە قاراشلىق شىركەتلەر 20 گە يەتكەن. نامىدىكى سەرمايىسى 400 مىليون 7000 يىنغا يېتىپ، مىتسۇئى، مىتسۇبىشى ۋە سومتومورلاردىن قالسىلار ياپونىيە بويىچە تۆتىنچى مالىيە زومىگىرىگە ئايلانغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ياسۇدانىڭ ياسۇزېن ئۇيۇشمىسى تارقىتىۋېتىلىپ، ياسۇدا بانكىسى فۇجى بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.