Chinese→UyghurMain Dictionary
安藤昌益
دۇنيا تارىخى
ئاندوسىيۇئىكى
(1703 - 1762) ياپونىيە ئېدو مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن فېئوداللىققا قارشى مۇتەپەككۇر. تەخەللۇسى كاتاتاتسو راناكا. دېۋاكۇيوتارا (ھازىرقى ئاكىتا شەھىرى) دا تۇغۇلغان. كېيىن نامپو ۋاسساللىقى (ھازىرقى ئىۋاتى ناھىيىسى) خاچىتوغا كۆچۈپ كېلىپ تېۋىپلىك قىلغان. ناگاساكىدا ساياھەتتە بولۇپ، ياۋروپا جەمئىيىتىنى چۈشىنىپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىگە كەلگەن. بارلىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ھۆكۈمرانلىقنى يوقىتىش ھەمدە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ <تەبىئەت ئالىمى> غا قايتىپ بېرىش، ئالىيجانابلار، تېننو بىلەن ۋاسسال غوجىلىرىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە بۇددا دىنى، كۇڭزىچىلىقنى، جادۇگەرلىكنى ئىنكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسى ئەسەرلىرىدىن ئۈچ قىسىملىق <تەبىئىي ھەق يول تېپىش> ناملىق ياغاچ باسما نۇسخىسى، بىر جىلدلىق <تەبىئىي ھەق يول تېپىش> كىرىش سۆز كۇپىيىسى بار. تېكىستى 100 جىلد (93 قىسىم) كېلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە <ھەق يول ھەققىدە چىن قىسسە> ئومۇمىي بايانى (5 قىسىم) بار.