Chinese→UyghurMain Dictionary
安菲波里
دۇنيا تارىخى
ئامفىپول
قەدىمكى گرېتسىيە شەھىرى. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى (ماكېدونيىنىڭ جەنۇبى) سىترېمون دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز پورت شەھىرى - ئېئون شەھىرىگە 8 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەسلەپ فراكىيە مىللىتىدىن بولغان ئىدونېلار ئىگىلىگەن بولۇپ <توققۇز يوللۇق شەھەر> دەپ ئاتالغان. بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قولايلىق، تەبىئىي بايلىقى مول (شەرقىي قىسمىدا پانگېي ئالتۇن كانى بار)، ستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇپ، گرېتسىيىدىكى ھەرقايىسى چوڭ شەھەر دۆلەتلىرى دائىم بۇ يەرگە خىرىس قىلىپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى مىلېت (كىچىك ئاسىيادا) تىرانى ئارىستا گورا بۇ يەرە مۇستەملىكە قۇرماقچى بولغاندا توسالغۇغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 654 يىل ئىلگىرى ئافىنادىن 10 مىڭ كۆچمەن كۆچۈپ كىرگەندە، ئىرونېلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادىدىن 437 يىل ئىلگىرى، ئافىنالىقلار ئىرونېلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ئاخىر بۇ يەرنى بېسىۋېلىپ، نامىنى <ئامفىپولىس> غا ئۆزگەرتكەن، بۇ سىتىيىرىمون دەرياسى <ئوراپ تۇرغان شەھەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئافىنالىقلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دېڭىز سودىسى تېز راۋاجلىنىپ، مەشھۇر ئاۋات شەھەرگە ئايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى داۋامىدا سپارتا سەردارى براسىدېس بېسىۋالغان (مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى). كېيىن يەنە ماكېدونىيىگە تەۋە (مىلادىدىن 358 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم ھېمىنىغا قوشۇۋېلىنىپ، ئاپتونوم شەھەر جۈملىدىن بۇ رايوننىڭ مەمۇرىي مەركىزى قىلىپ ئايرىلغان.