Chinese→UyghurMain Dictionary
安道尔
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ān dào ěr
ئاندوراDئۇنىۋېرسال
ān dào ěr
ئاندوررا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
ئاندۇررا
ئىنجىل< دىن ئېلىنغان نام
غەربىي ياۋروپادىكى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە چېگرىسىغا، پىرىنېئوس تاغلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، يەر ۋەزىيىتى ئېگىز، ئەڭ ئېگىز كومې پېدروسا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2975 مېتر كېلىدۇ. يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقتىن قىشلىقى ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىدا ئۇزۇن مۇددەت قار ساقلىنىدۇ. ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ شىمالدىن باشلىنىپ جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان ۋالىرا دەرياسى ھەم ئۇنىڭ ئىككى تارمىقى بار. ئاندوررانىڭ يەر مەيدانى 465 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 41 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ ئىچىدە ئاندوررانىڭ ئەسلى ئاھالىسى 7200 دىن ئوشۇق بولۇپ، 17% نى تەشكىل قىلىدۇ. فرانسۇزلار 2700 ، قالغىنىنى پورتۇگالىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كاتەيرونىيە تىلىنى قوللىنىلىدۇ. ئىسپان تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاندوررادا 9 ئەسىردە كىنەزلىك دۆلەت قۇرۇلغان. 1278 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى دۆلەت ئاندوررانى ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ كېلىشىم بويىچە فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىلەر ئاندوررادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى فرانسىيە ۋەكالىتەن باشقۇرىدۇ. قالغان سىياسىيى، ئىقتىسادىي، قانۇن ساھەسىدىكى ئىشلىرىنى فرانسىيە، ئىسپانىيە بىرلىكتە باشقۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ساياھەتچىلىكتىن كېلىدىغان كىرىمى پۈتۈن كىرىمىنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر ئاندوررا خەلقىنىڭ كۆپى ساياھەت ئىشلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلىمەكتە. بىر يىلدا ئاندورراغا كېلىپ ساياھەت ئىشلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلىمەكتە. بىر يىلدا ئاندورراغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىدىغانلار بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاندوررانى بېسىپ ئۆتۈپ فرانسىيە، ئىسپانىيىلەرگە بارىدىغانلار 10 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاندوررانىڭ يازلىق مەنزىرىسى گۈزەل، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 37% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاندوررادا قىشلىقى ھەرخىل مۇز ئۈستى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا قولاي بولغانلىقتىن بۇ جايغا كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئاندوررا دېھقانچىلىقىدا قارا بۇغداي، بۇغداي، ياڭيۇ، ئۈزۈم، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي بېقىلىدۇ. سانائىتىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتى، ھاراق زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، كۆن - خۇرۇم، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئاندوررا سىرتتىن يېمەكلىك، يېقىلغۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئاندوررا كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، پۈتۈن دۆلەتتە ھەر تەرەپكە كەتكەن تاشيوللار ناھايىتى كۆپ. دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار 23 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاپتوموبىل دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ھەر يىلى فرانسىيە، ئىسپانىيە تەرەپلەردىن بىرنەچچە مىليون ئاپتوموبىل ئاندورراغا كېلىپ قايتىدۇ، يالغۇز فرانسىيە تەرەپتىن كېلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانسىلا بىر مىليون 500 مىڭ قېتمدىن ئاشىدۇ.
ئاندۇررانىڭ تولۇق نامى <ئاندۇررا كىنەزلىكى> بولۇپ، پىرىنۇس تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغ جىلغىسىغا، فىرانسىيىنىڭ تورېز ۋە ئىسپانىيىنىڭ بارىسلونا شەھەرلىرى ئارىسىغا جايلاشقان، مەيدانى ??46.5 بولۇپ، <يانچۇق دۆلىتى> دېگەن نامى بار. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا: بىرىنچى، ئېھتىمال باسىك تىلىدىكى andurrial سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مەنىسى <تاش ئانار باراقسان ئۆسكەن باياۋان>، بۇ نام ئۇنىڭ تەبئىي مۇھىتىغا قارىتا قويۇلغان؛ ئىككىنچى، رىۋايەتتە، ئۇنىڭ نامى <ئىنجىل> دىكى ئىسىم <ئاندور>نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان ئىكەن.مىلادى 6 -- 7 - ئەسىردە مورىيلار 33 ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئاندۇررانىمۇ بويسۇندۇرغان. ئاندۇررا خەلقى مارىك ئالمو جابىلىنىڭ رەھبەرلىكىدە تاغلىق رايونلاردا مورىيلارغا قارشى پارتىزانلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. 805 - يىلى ماركنىڭ پارتىزانلار ئەترىتى فرانك قوشۇنىنى باشلاپ پانتوررات تاغ ئېغىزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇشتۇمتۇت ئاندۇررا جىلغىسىغا بېسىپ كىلىپ، مورىيلارنىڭ قوشۇنىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. ئاندۇررا خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىگىنىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن فرانكلار ئاندۇررانىڭ مۇستەقىل بولىشىغا يول قويۇپ، <ئىنجىل> دىكى ئىسىم <ئاندور> نى دۆلەت نامى قىلىپ قويغان، كىيىن <ئاندور> يەنە <ئاندوررا> غا ئۆزگەرگەن. ئاندۇررا كىنەزلىكى 819 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، چارلېز ئىمپېرىيىسى مورىيلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئىسپانىيە چېگراسىدا قۇرغان بىر كىچىك ئۆتكۈنچى دۆلەت، 13 - ئەسىردىن بورۇن فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئاندۇررانى تالىشىپ دائىم توقۇنۇشۇپ تۇرغان. 1278 - يىلى فرانسىيە - ئىسپانىيە يارىشىش كېلشىمنامىسى تۈزۈپ، ئاندۇررانىڭ مەمۇرىي ۋە دىنىي ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئىككىلا تەرەپ ئۆز ۋەكىلىنى تۇرغۇزىدىغان ۋەسىمۋول خاراكتىرلىك سوغا - سالامغا ئېرىشىدىغان بولغان، فرانسىيە ھەر يىلى 960 فرانك، ئىسپانىيە ھەر يىلى 430 پېزېتا ۋە ئالتە دانە كالباسا، 12 دانە تۇزلىغان توخۇ، 24 پارچە ئېرىمچىك ئالىدىغان بولغان، بۇ خىل سوغا - سالام تۈزۈمى تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر فرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋە ئىسپانىيە سىرىئودىۋھارنىڭ يەرلىك ئىپسىكوپى ئوخشاشلا ئاندۇررانىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇپ، ئىككى كىنەز دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاندۇررانىڭ يەر مەيدانى 465 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 55 مىڭ. كۆپ قىسمى ئىسپانلار. يەنە پورتۇگانلار، فرانسۇزلار بار. ئاندۇررالىقلار جەمئىي 13500 بولۇپ، ئۇلار كاتالۇنا مىللىتىگە خاس. دۆلەت تىلى كاتالۇنا بولۇپ، فرانسۇز ۋە ئىسپان تىللىرىمۇ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ئاندۇررا، پۇل بىرلىكى فرانسىيە فرانكى ۋە ئىسپانىيە پېزېتاسى.
ئاندوررا پىرېىېي تاغ تىزمىسىدىكى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، 1278 - يىلى بەگلىك دۆلىتى بولغان. فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئىمزالىغان تىنىچلىق كېلىشىمنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىككى دۆلەت ئاندورراغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغان. ئاندوررا ھەر يىلى سىمۋول خاراكتېردە بۇ ئىككى دۆلەتكە باج تاپشۇرغان. فرانسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ يەرلىك ئېسكوپى ئوخشاشلا ئاندوررانىڭ دۆلەت باشلىقى بولغان. 1806 - يىلى، ئاندوررا سېرىق سېرىق ۋە قىزىل يوللۇق بىر بايراقنى ئىشلەتكەندى؛ 1866 - يىلى، ئاندوررا فرانسىيە دۆلەت بايرىقىدىكى كۆك رەڭ بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت بايرىقىدىكى سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەرنىمۇ قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆك، سېرىق ۋە قىزىل يوللۇق بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئاندوررا بەگلىكىگە ھۆكۈمرانلق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئەۋەتكەن گراف فويكېسىنىڭ مۆھۈر بەلگىسى سىزىلغان.
ئاندوررا دۆلەت گېربىدە ئۆزنىڭ فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ قوش ھامىيلىقىدا تۇرغان ئورنى ئىپادىلەنگەن، دۆلەت گېربىدىكى ئاساسلىق سۈرەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن قالقانسىمان گېرب بولۇپ، ئۈستىدىكى سول تەرەپكە ئېسكوپنىڭ ئالتۇن تاجىسى بىلەن بىرھاكىمىيەت ھاسىسى سىزىلغان. بۇ ئىسپانىيە ئوگار يەرلىك ئېسكوپنىڭ بەلگىسى، سول ئاستىدىكى ئالتۇن بەلدەمگە تۆت قىزىل بەلدەم تارتىلغان بولۇپ، ئىسپانىيىنىڭ كاتالونىيە ئاپتۇنۇم رايۇنىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ئاندوررانىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە تىلىنىڭ مەنبەسى؛ ئوڭ ئاستىدىكى ئىككى سېرىق كالا گراف فويكېسىنىڭ ۋارىسى گراف بېرئىننىڭ مۆھۈر بەلگىسى، ئوڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن بەلدەملىك ئورۇندا ئۈچ تىك قىزىل بەلدەم بولۇپ، بۇ ئاندوررانىڭ دەسلەپكى ھىمايچىسى گراف فويكېسىنىڭ گېربى. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستى قىسىمىغا ئاندوررالىقلارنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزى < ئىتتىپاقلىق - كۈچ > دېگەن خەت يېزىلغان.