Chinese→UyghurMain Dictionary
埃希比耳
دۇنيا تارىخى
ئايشىبۇل
گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرى ۋە تۆمۈر قوراللىرى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى خارابىسى. شتۇتگارتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، تەخمىنەن 90 كىلومېېتىر يىراقلىقتىكى فېدېرىس كۆلىنىڭ يېنىدا. يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خارابىلار شەرتقىكى دوناي مەدەنىيىتى (Ⅰ - Ⅱ دەۋر) نىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان، مىلادىدىن 2000 - 2200 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، بېلگىيە، رېين دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونلىرىدىكى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تىپىك خارابىسى. 1879-يىلىدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ قېزىلغان. سۇ ئۈستىگە سېلىنغان ئىمارەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇرالغۇ جاي خارابىسىدىن 24 ى تېپىلغان. ئۇ 6 ېتىر × 3.6 مېتىر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئاستىغا تاختاي ياتقۇزۇلغان، ئۆينىڭ ئەتراپىدا ياغاچ لەمپە ياسالغان. ئۆينىڭ ئىچى ئىچكىركى، تاشقىرقى ئۆيگە بۆلۈنگەن، تاشقىرىقى ئۆيگە ئوچاق سېلىنغان. ئۇنىڭدىن ھېچىر، قەدەھ قاتارلىق ساپال قاچىلار تېپىلغان. ئۇ روشەن ھالدا دوناي Ⅰ دەۋرى ۋە Ⅱ دەۋرىدىكى ساپال قاچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.