Chinese→UyghurMain Dictionary
埃尼德
دۇنيا تارىخى
ئائېنېيد
كىتابىنىڭ نامى. <ئائېنېيس> دەپمۇ تەجىمە قىلىنغان. قەدىمكى رىم شائىر ۋېرگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىر) نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. 12 توم. <ئائېنېيد> نىڭ مەنىسى <ئاينېئاسنىڭ ئىش ئىزلىرى> دېگەنلىك. ئاينېئاس ترويا رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمان، مۇشۇ داستاندىكى باش قەھرىمان. ھېكايىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق: يۇنان بىرلەشمە قوشۇنى ترويا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاينبئاس ئوغلى ئاسكانى (يەنى بىر ئىسمى جۇلۇس) بىلەن بىللە، دېڭىز ساياھىتىنى باشلاپ، تراكىيە، ئېگېي دېڭىزى، كىرت، كارافاگېن، سىتسىلىيە قاتارلىق جايلارىدن ئۆتكەن. كارفاگېننىڭ (ھازىرقى تۇنىس) ئايال پادىشاھى دىدو ناھاىيىتى گۈزەل بولۇپ، ئاينېئاسقا تېگىشنى ئارزۇ قىلغان؛ ئاينېئاس تەقدىر بويىچە رىمغا بېرىپ تۆھپە يارىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى رەت قىلغان، دىدو نومۇسىغا چىدىماي ئۆلۈۋالغان. سىتسىلىيىدە ئاينېئاس ئايال كاھىن سىبىيىلنىڭ يېتەكلىشى بىلەن باقىي ئالەمن ساياھەت قىىپ، ترويا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن قەھرىمانلارنى كۆرگەن شۇنداقلا يەنە تۈرلۈك ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلار نى ئۇچرىتىپ، مىڭ تەسلىكتە يەتتە يىلدا ئىتالىيىگە يېتىپ بېرىپ، لاتيومغا كەلگەن. لاتيۇمنىڭ پادىشاھى لاتىنۇ قىزى لاۋىنىيەنى ئۇنىڭغا بەرگەن (جۇلۇسنى لاۋىنىيە تۇغقان دېگە گەپمۇ بار). لاۋىنىيە رۇتۇلىلارنىڭ پادىشاھى تۇرنۇس بىلەن ئاشنا ئويناپ قويغانلىقتىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. ئۇرۇشتا ئاينېئاس يارىدار بولغان، ئۇنى ئانىسى ئاپرودى داۋالاپ ساقايتقان. ئىككىنچى جەڭدەتۇرنۇس يېڭىلىپ ئۆلگەن، ئاينېئاس ئاخىرى توريا ئېسىلزادىلىرى بىلەن لاتىن مىللەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن رىم دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان. ۋېرگىل قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرى بىلەن شائىرنىڭ خىيالىنى بىرلەشتۈرۈپ، 11 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ داستاننى يېزىپ چىققان. ئاينېئاس بىلەن جۇلۇسنىڭ ئەۋلادى رومۇلۇس رىم شەھىرىنى بەرپا قىلغان ھەمدە رىم پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرىنى بەرپا قىلغان؛ كائېسار ۋە ئوكتاۋىنئان (ئاۋگۇستۇس) تەۋە بولغان جۇلىئۇس ئۇرۇقىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى جۇلۇس. ۋېرگىل ۋاپات بولۇش (مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى) تىن ئىلگىرى <ئائېنېيد> نىڭ تېكىستىنى كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولغان، ئاۋگۇستۇس توسۇۋالغانلىقتىن، ئەسىرلەر داۋامىدا تارقىلىپ كەلگەن.