Chinese→UyghurMain Dictionary
埃里克十四
Domain: دۇنيا تارىخىئېرىك ⅣⅩ
(1533 - 1577)، شۋېتسارىيە كورۇلى (1560 - 1568). گۇستاۋ ۋاسانىڭ ئوغلى. ياۋرۇپا مەدەنىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى تولىمۇ كۆپ. تەختتە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىللىردە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش يولىدا كۈچ چىقارغان. كېيىن ئانا باشقا ئىنىسى جون (يەنى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى جون Ⅲ) بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، 1563 - يىلى جوننى نەزەربەند قىلغان. پولشا بىلەن دانىيىگە قارشى ئۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇ ھال رەسمىي ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (1563 - 1570)، كېيىن دانىيە بىلەن <سېتىسىن سۈلھ شەرتنامىسى>نى تۈزگەن. شۋېتسىيە غايەت زور تۆلەم تۆلىگەن. مەملىكەت ئىچىدە، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان زىددىيەت كەسكىنلەشكەن، 1567 - يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ نىلس ستۇرې قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئىنىسى جون ۋە چارلېس تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان ھەمدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.