Chinese→UyghurMain Dictionary
埃兰
دۇنيا تارىخى
ئېلام
غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. زاگروس تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. پېرسىيە قولتۇقىنىڭ يېنىدا. ھازىرقى ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە توغرا كېلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلاملار مۇشۇ قايدا ئاۋان، ئانىشان، سىماش ۋە سۇسا دېگەنگە ئوخشاش كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان؛ كېيىن بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن، سۇسانى پايتەخت قىلغان. ئېلامنىڭ غەربىي مىسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېر، ئاققاد، بابىلون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق بولغان ھەمدە دائىم بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅪ ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامورىلار بىەن بىرلىشىپ ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرقى كورۇل ئىبى - سىن (مىلادىدىن 1976 - 2195 يىل ئىگىرى تەختتە تۇرغان) نى ئەپقېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅢⅩ - ⅡⅩ ئەسىرلەردە يەنە كۆپ قېتىم ئۇرۇش قوزغاپ، بابىلونىيىنىڭ شىمالىۇي قىسمى (ئېسىنونا، سىپار، بابىلون ۋە نىپور قاتارلىق شەھەرلەر)، ئاسسۇرىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە زاگروس تېغىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايوننى ئىشغال قىلىپ، تازا روناق تاپقان. كېيىن ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردە ئاسسۇرىيىدىكى پانىبا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، سۇسا شەھىرى تالان - تاراج قىلىنغان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى، ئاخىر پېرسىيىگە بويسۇنۇپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولغان. ئېلامنىڭ مەدەنىيىتى بولۇپمۇ مىخ يېزىقى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان، ئۇ ئىران ئېگىزلىكى بىلەن غەربىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى سۇسا قەىمىي شەھىرىنى قېزىپ (<سۇسانىڭ بىرىنچى قەۋىتى> ۋە <سۇسانىڭ ئىككىنچى قەۋىتى>)، نۇرغۇنلىغان ئاسار - ئەتقىلەرنى تېپىپ، قەدىمكى ئېلامنىڭ تارىخىي ۋە ئۇنىڭ غەربىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىياللار بىەن تەمىن ئەتكەن.
تارىخ
āi lán
ئىلامDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃兰〈西亚、罗〉
āi lán
ئېلانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃兰〈英〉
āi lán
ئېللاندDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃兰〈法〉
āi lán
ئېيرېينDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃兰〈哥伦〉
āi lán
خېررانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃兰〈菲、印〉
āi lán
ئېرانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi lán
ئېلانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi lán
ئېيرېينDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi lán
ئېرانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi lán
ئېلانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi lán
ئېيرېينDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi lán
ئېران