Chinese→UyghurMain Dictionary
埃克巴坦那
Domain: دۇنيا تارىخىئېكباتانا
ئىران ئىگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر، مېدىيە پادىشاھلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرگىچە) نىڭ پايتەختى. مېسوپوتامىيە ۋادىسى بىلەن ئىران ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىدىكى مۇقەررەر ئۆتەڭ (ھازىرقى ئىراننىڭ ھەمەدان شەھىردە)ئىدى، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پادىشاھ دېئوكېس بەرپا قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەھەر ئەتراپىغا يەتتە قات سېپىل سېلىنغان، سىرتتىن ئىچكىرىگە قاراپ بىرىدىن بىر ئىگىز قىلىپ سېلىنغان ھەمدە ھەرخىل رەڭ بېرىلگەن. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كىرۇس تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان (مېدىيە پادىشاھلىقى ھالاك بولغان) ھەمدە ئاخېمېندې خاندانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ماكىدونىيە، سېلېئوكوس، ئارساك، ساسانىيلار پېرسىيىسى، ئەرەب قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېقىندى بولغان.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىāi kè bā tǎn nà
ئېكبەتەنە
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.