Chinese→UyghurMain Dictionary
埃及太阳历
دۇنيا تارىخى
مىسىر قەمەرىيە كالېندارى
قەدىمكى مىسىر يىلنامىسى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قەمەرىيە كالېندارى. ھەر يىلى نىل دەرياسىدا تاشقىق باشلانغان، يەنى ئاسمان بۆرىسى بىلەن قۇياش بىر ۋاقىتتا ئۇپۇق سىزىقىدا پەيدا بولغان ۋاقىت يىلىنىڭ باشلىنىشى قىلىپ، بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدا ھەريىلى ئۈچ پەسىل (سۇ كېلىش پەسلى، تېرىقچىلىق پەسلى، يىغىم پەسىلى) گە بۆلۈنىدۇ، جەمئىي 12 ئاي، ھەر ئاي 30 كۈن، يىل ئاخىرىدا بەش كۈن بايرام كۈنى قوشۇلۇپ، كەبىسە كۈن دەپ ئاتىلىدۇ، ھەممىسى بولۇپ 365 كۈن بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ھەربىر يىل بىلەن تروپىك يىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چارەك كۈن بولغان. كېيىن يىلنامە ئۆزگەرتىلىپ، ھەر تۆت يىلدا بىر <كەبىسە كۈن> قوشۇش بەلگىلەنگەن، بۇ يىل <قەرەل يىل> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردىن قەدىمكى رىمدا مىسىر يىلنامىسى ئاساس قىلىنىپ، يۇلىئۇس كالېندارى ئىشلەن؛ ⅥⅩ ئەسىرگە كەلگەندە يەنە ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، گېرىگورى كالېندارى بارلىققا كەلگەن، ئۇ كېيىن دۇنيادىكى زور كۆپچىلىك دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قولىنىدىغان <مىلادى كالېندارى> بولۇپ قالغان.