Chinese→UyghurMain Dictionary
爱德华一世
دۇنيا تارىخى
ئېدۋارد Ⅰ
(1239 - 1307) ئەنگلىيە پلانتاگېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1272 - 1307). ئەنگلىيە كوۇرلى ھېنرى Ⅲ نىڭ چوڭ ئوغلى. دەسلەپكى يىللاردا شاھ دادىسى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە 1263 - يىلى 8 - ئايدا ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەرنىڭ يولباشچىسى سىمون دى مونتخورتنى يەڭگەن ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 1270 - يىلى سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. قايتىپ كېلىۋاتقاندا دادىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1274 - يىلى يازدا لوندونغا قايتىپ، رەسمىي تاج كىيگەن. 1284 - يىلى ۋالېسنى قوشۇۋالغان. كېيىن يەنە شوتلاندىيەنىڭ تەخت تالىشىشىدىن پايدىلىنىپ، شوتلاندىيىگە بېسىپ كىرگەن. كورۇل ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1295 - يىلى <نەمۇنىلىك پارلامېنت> چاقىرغان. يەنە تۈرلۈك قانۇنلارنى جاكارلاپ، پادىشاھنىڭ رۇخسىتىسىز چېركاۋنىڭ يەر ئىگىلىشىگە بولمايدىغانلىقى، يەر سودىسىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، فېئوداللارنىڭ جامائەت يەرلىرىنى قۇرۇقلاپ ئىگىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، سودىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن. 1297 - يىلى باج تۈپەيلىدىن شەھەر ئاھالىسى، رىتسارلار ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقى قوزغىلىپ، <ئاساسىي نىزام قەيتنامىسى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان، پارلامېنتنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، يېڭى باج ئالماسلىققا ۋەدە قىلغان.