Chinese→UyghurMain Dictionary
阿尔巴尼亚一九一一年起义
دۇنيا تارىخى
ئالبانىيىنىڭ 1911-يىلدىكى قوزغىلىڭى
ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئازادلىق كۈرىشى. 1911-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى دېچىچ تاغلىق رايونىدا قوزغىلاڭ پارتىلىغان. قاتناشقۇچىلار سەككىز مىڭ كىشىگە يەتكەن. كېيىن غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى سىكودا ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا كېڭەيگەن. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قوزغىلاڭچىلار ئاپتونومىيە پروگراممىسى (يەنى < قىزىل تاشلىق كىتاب>) نى ئوتتۇرىغا قويغان. 7-ئايدا، قوزغىلاڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلارغا كېڭەيگەن. 8-ئايدا، قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھىغا قاتناشقان فېئوداللار تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئاۋسترالىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قاتارلىقلارمۇ قوغىلاڭچىلارغا بېسىم ئىشلەتكەن، قوزغىلاڭچىلار پودگورىكادا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.