Chinese→UyghurMain Dictionary
粲马起义
دۇنيا تارىخى
فوما قوزغىلىڭى
مىلادى 821 - 823 - يىللاردا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە پارتلىغان خەلق قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ رەھبىرى سىلاۋىيان فوما (تەخمىنەن 760 - 823 - يىللار) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىي ئاممىسى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان دېھقانلار، ھەربىي رايون ئەسكەرلىرى (<ھەربىي رايون تۈزۈمى>گە قاراڭ)، شەھەر كەمبەغەللىرى، سلاۋىيان كۆچمەنلەر ۋە قۇللاردىن ئىبارەت بولغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس ھەيكەلگە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىىتگە قارشى بىر قىسىم مۇناخلارمۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشقان. فوما ئەسلىدە كىچىك ئاسىيادىكى بىر ھەربىي رايوننىڭ ئوفىتسىرى بولۇپ، قوزغىلاڭدىن كېيىن دېڭىز فلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك قوراللىق كۈچ تەشكىللىگەن. ئەرەبلەر ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە بولغان دۈشمەنلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، قوزغىلاڭنى قوللىغان. فوما ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئاتاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالۋان - ياساقلارنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان. كېيىن فوما كىچىك ئاسىيادىن قوشۇن باشلاپ چىقىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ تراكىيە ۋە ماكېدونىيىلەردە قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە كونستانتىنوپولنى بىر يىلدىن ئارتۇق مۇھاسىرىگە ئالغان (822 - يىلى). ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى مىخائېل Ⅱ (مىلادى 820 - 829 - يىللاردا تەختتەئولتۇرغان) قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىكى تۇراقسىز ئۇنسۇرلارنى سېتىۋېلىش ۋە بۇلغارىيىلىكلەردىن ياردەم ئېلىش ئارقىلىق، 823 - يىلى قوزغىلاڭنى باستۇرغان، فوما ئەسىرگە ئېلىنپ ئۆلتۈرۈلگەن. قالدۇق قىسىملار كۈرەشنى 825 - يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.
Rate this entry