Uyghur→ChineseMain Dictionary
كراخمال
بىئولوگىيە
淀粉
diànfěn
نۇرغۇن a - گلۇكوزا مولېكۇلىلىرىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان پولى ساخارىد بولۇپ، ئۇنىڭ گلۇكوزىد بېغى a - تىپلىق بولىدۇ. مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۈز زەنجىرلىك كراخمال ۋە تارماق زەنجىرلىك كراخمالغا بۆلۈنىدۇ. تۈز زەنجىرلىك كراخمالدا گلۇكوزىلارنىڭ تۇتىشىش شەكلى a -، 4 - گلۇكوزىد بېغى بويىچە بۆلۈنىدۇ. مولېكۇلا ئېغىرلىقى تەخمىنەن 60 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 300 - 400 دانە گلۇكوزا قالدۇقىغا توغرا كېلىدۇ. تۈز زەنجىرلىك كراخمال تۈز سىزىق شەكىل بولماستىن بەلكى ئالتە دانە گلۇكوزا مولېكۇلىسى يۆگىشىپ بۇرمىسىمان شەكلىدە ھاسىل قىلغان بولىدۇ. تارماق زنجىرلىك كراخمالدا a -1، 4 - گلۇكوزىدا بېغىدىن باشقا يەنە 1، 6 - گلۇكوزىد بېغى بولىدۇ. شۇڭا مولېكۇلا تارماقلىرى بولىدۇ. ئېغىرلىقى 200 مىڭدىن يۇقىرى، بولۇپ، 1 مىڭ 300 دانە گلۇكوزا قالدۇقىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا يودقا يولۇققاندا بىنەپشە رەڭگە كىرىدۇ. ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى ۋە ئوزازون ھاسىل قىلىش رولى يوق دېگۈدەك بولىدۇ. كىسلاتانىڭ تەسىرىدە گلۇكوزا، a ئامىلازا بىلەن گىدرولىزلانغاندىن كېيىن مالتوزا ھاسىل بولىدۇ. دانىچە ھالەتتە بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، تۈگۈنەك يىلتىزى تۈگۈنەك غولى ۋە زىرائەتلەرنىڭ دانلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بولىدۇ. كراخمال يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلىشتىن سىرت، ئېچىتىش، توقۇمچىلىق ۋە يېمەكلىك سانائىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك,باغۋەنچىلىك,ئۇنىۋېرسال,ئورمانچىلىق,خىمىيە,تەبىئىي جۇغراپىيە,تېببىي
淀粉
diàn fěn
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
diàn fěn
淀粉
Rate this entry