Lughet
DictionaryUyghurزەنگىلەر قوزغىلىڭى
UyghurMain Dictionary

زەنگىلەر قوزغىلىڭى

دۇنيا تارىخى مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئىراقتىكى نىگىر قۇللارنىڭ ئەرەپ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. قۇل بازىرى شەرقىي ئافرىقىنىڭ زانزىبار ئارىلىدا بولۇپ، ئەرەبلەر بۇ ئارالنى ئازىزەنگى دەپ ئاتىغاچقا، نېگىر قۇلنىمۇ زەنگى دەپ ئاتىغان. 869 - يىلى، ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرى ئەتراپىدىكى شورلۇق يەردە ئىشلىگۈچى نىگىر قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بۇ قوزغىلاڭغا دېھقانلار ۋە بەدىۋىيلەردىن بولۇپ نەچچە 10 مىڭ كىشى قاتناشقان. قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىسى، ئىسلام دىنى خاۋارجلار مەزھىپىنىڭ مۇرىتى ئەلىئىبنى مۇھەممەد ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، دىيانەتسىز خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا چاقىرغان؛ نېگىر قۇللارمۇ خەلىپە بولالايدۇ دېگەننى ئوتتۇرغا قۇيغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن خەلىپە ئەۋەتكەن جازا يۈرۈشقوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئەلمۇقتارا (<تاللانغان> مەنىسىدە) نى پايتەخت قىلغان. 871 - يىلى، بەسرە شەھىرىنى ئېلىپ، ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى تىزگىنلىۋالغان ھەمدە ئىراننىڭ خوزىستانغا ھۇجۇم قىلغان. 878 - يىلى ۋاسىت شەھىرىنى ئېلىپ، باغداد شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. خەلىپىلىككە قاتتىق تەھدىت سالغان. بىراق فېئودال خوجىدارلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سەردارلىرى مۇنبەت يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، دېھقانلارنىڭ ئۈستىدىكى باج سېلىق بىكار قىلىنمىغان، قۇللۇق تۈزۈممۇ بىكار قىلىنمىغان. ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتاپ، قوزغىلاڭنى ئاممىۋى ئاساستىن مەھرۇم قىلغان. كېيىن ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ نايىبى، خەلىپىنىڭ ئىنىسى مۇۋەپپەق زور قوشۇن تەشكىللەپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 1883 - يىلى، موقتارا قولدىن كېتىپ، ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭ باستۇرۋېتىلگەن. بىراق بۇ قوزغىلاڭ ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، ئىمپېرىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەن. ئىسلام ئاتالغۇلىرى يەنى <نېگىر قۇللار قوزغىلىڭى>، ئەرەبلەر نېگىرلارنى <زەنگى> دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قوزغىلاڭ شۇنداق دەپ ئاتالغان.
Rate this entry

Same word in other sources

زەنگىلەر قوزغىلىڭىUyghurChineseMain Dictionary

Related words

زەيدىلەر قوزغىلىڭىUyghurزەنجان قوزغىلىڭىUyghurگىلان قوزغىلىڭىUyghurكېت قوزغىلىڭىUyghurنىش قوزغىلىڭىUyghurزېئالوت قوزغىلىڭىUyghur
← Search