UyghurMain Dictionary
زەيد بىننى ئەلى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى زەيدلەر ئىخلاس قىلغان ئىمام. ھەزرىتى ئەلىنىڭ چەۋرىسى، ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى، كۇفەنىڭ ئىمامى. مۇئتەزىلىيەنى قۇرغان ۋاسىل بىننى ئاتانىڭ شاگىرتى بولۇپ، <ئىرادە ئەركىنلىكى> ۋە <قۇرئان كەرىم يارىتىلغان> دېگەن تەلىماتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىمام ئەزەلدىن خاتالاشمايدۇ، دېيىشنى ئىنكار قىلدى. قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇمەييە سۇلالىسىغا قارشى تۇرغانلىقتىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى زەيدىيەنى قۇردى.
Rate this entry