UyghurMain Dictionary
رەستە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قۇتۇلغان، نىجات تاپماق؛ خالاس قىلىنغان.
سەپ، قاتار:
شەيخۇل - ئىسلام دەپتۇركى، يەر - كۆك ئەھلىدە ھەركىمدىن رەستە بولغايسەن، سۇد قىلغايسەن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يول، ئۆتەر يول، كوچا، قاتار دۇكانلار؛ قۇتۇلغان، خالاس قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەھەرنىڭ سودا - سېتىق قىلىدىغان دۇكانلار قاتار كەتكەن كوچىسى.
«چوغا» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
رەستىدە گەپ تولا. بېيجىڭدىكى «چيەنمېن» رەستىسى ئەڭ ئاۋات كوچا. گۇزە گۈللەر بىلەن قاپلاندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
شەھەر ياكى بازارنىڭ ئىككى ياقىسىغا ھەر خىل سودا دۇكانلىرى قاتار ئورۇنلاشقان ئاۋات كوچىسى.
ئۇ يۈك بېسىلغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدىن ئۆتۈپ، چوڭ تاشيولغا بۇرۇلىدىغان دوقمۇشقا كېلىپ توختىدى.
Rate this entry