Uyghur←Chinese主要词典
زېۋىس
دۇنيا تارىخى
宙斯
zhòu sī
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى ئەڭ ئالىي ئاسمان خۇداسى. رىم ئەپسانىسدە يۇپىتېر دەپ ئاتىلىدۇ. كىرونوس بىلەن رېيەنىڭ ئوغلى. چوڭ بولغاندا ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن بىرلىشىپ كىرونوسنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇكىلىرى پوسېيدون، خادېسلار بىلەن دۇنيانى تەڭ بۆلۈشۈپ زېمىن ۋە ئاسمانغا (پوسېيدون بىلەن خادېس دېڭىز ئوكيانلار ھەم باقىي ئالەمگە) ئىگىدارچىلىق قىلغان. يۇناننىڭ شىمالىدىكى ئولىمپېيە تېغىدىكى كاتتا ئوردىدا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. خوتۇنى ھېرا ( سىڭلىسى) شۇنىڭدەك باشقا مەبۇدىلەردىن كۆپلىگەن پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش خۇداسى ئارىس، ئوت خۇداسى گېپىستوس، قۇياش خۇداسى ئاپوللون، دانالىق مەبۇدىسى ئافىنا، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىت، ئاي مەبۇدىسى ھەم ئوۋچىلىق مەبۇدىسى ئارتېمىس، سودا - ساياھەت خۇداسى ھېرمېس قاتارلىقلار بار. ئىلاھلار بىلەن ئىنسانلار دۇنياسىدا تەڭداشسىز ئالىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، <خۇدالار ئاتىسى ۋە ئادەمزاتلار پادىشاھى> دەپ ئاتالغان؛ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئۇنىڭ ئاساسلىق قورالى، شۇنداقلا تەڭرى قۇدرىتىنىڭ سىموۋولى. ئۆزى خالىغانچە بالايىئاپەتلەرنى پەيداقىلىدۇ، بەخت - سائادەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، تەۋەككۈلچىلەرنى بولسا رەھىمسىزلىك بىلەن جازالايدۇ. يەنى ئادەملەرگە ئاسماندىن ئوت ئوغرىلاپ بەرگەن پىرومىتېنى كاپكاز تېغىغا بەنت قىلىۋەتكەن. قەدىمكى يۇنانلىقلار زېۋىسقا ئاتاپ ياسىغان ئىبادەتخانىلار ئىچىدە جەنۇبىي يۇناننىڭ ئېلىستىكى ئولېمپىيە ۋە شىمالىي يۇناننىڭ ئېپرۇستىكى دودونا دېگەن ئىككى جايدىكى كاتتا ئىبادەتخانا ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى كىشىلەر <ئولېمپىيە تېغىدىكى زېۋىس> دىگەن سۆز بىلەن يۈكسەك ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشنى تەسۋىرلىگەن.