Chinese→Uyghur主要词典
族外婚
قانۇن
zú wài hūn
جەمەت سىرتىدىن نىكاھلىنىشDئۇنىۋېرسال
zú wài hūn
ئۆز جەمەتىنىڭ سىرتىدىكىلەر بىلەن توي قىلماق
دۇنيا تارىخى
قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش
يەنى ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي شەكلى ۋە تۈپ پرىنسىپى. بۇ پرىنسىپ بويىچە ئۇرۇق ئەزاسى ئۇرۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، بەلكى پەقەت شۇ قەبىلە (گاھىدا باشقا قەبىلە) دىكى باشقا ئۇرۇقنىڭ ئەزاسى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولىدۇ؛ يەنى ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش ئۇرۇق شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئۇرۇقنىڭ ئاساسىي ئالامىتى بولۇپ، ئۇرۇقنى نەسەبى (دەسلىپىدە ئانىلىق نەسەب، كېيىنچە ئاتىلىق نەسەب) ئېنىق بولغان قانداشلىق گۇرۇھىغا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشىگە زور دەرىجىدە پايدىلىق بولغان. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە مەۋجۇت بولغان، ئۇ توپ نىكاھلىنىشتىن باشلانغان. توپ نىكاھلىنىشتىن كېيىنكى بىر جۈپ نىكاھلىنىش ۋە بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك باسقۇچىدىمۇ، ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان.