Uyghur主要词典
زۇۋان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنساننىڭ سۆزلەش قابىلىيىتى، مۇھىم ئالاقە ۋاستىسى، كىشلەرنىڭ پىكر ئالماشتۇرۇش قورالى.
« زۇۋان » تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدىلا كېلىدۇ.
تىلى چىقماق؛ تىلى تۇتۇلماق؛ تىلى قىسىق؛ تىلى ئۇزارماق. ئۇيغۇر تىلى؛ تىلشۇناسلىق. ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىش ئاتا _ ئانىدىن ۋاز كېچىشتۇر. تىل ئەقىلنىڭ مالىيى. تاتلىق تىل _ تاياقتىن ئۆتكۈر. ئېغىز _ ئايغاق، تىل _ تايغاق. تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت. تىلنىڭ يەتمەيدىغان يېرى يوق. زۇۋان سۆرمەك؛ زۇۋانى تۇتۇلماق. جەۋھىرى قۇدرەت بار، تىل _ زۇۋانىڭدا، ھەقىقەت _ ساداقەت ھەر بايانىڭدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تىل، گەپ - سۆز.
زۇۋان سۈرمەك.
پالتىدىن زۇۋان كەپتۇ، قاتىلدىن ئىمان كەپتۇ (ماقال).
ئۈن، ئاۋاز، تاۋۇش.
- ھىم زۇۋانىڭنى چىقارما، ئادەم، ئادەم... كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ شىر.