Uyghur←Chinese主要词典
زۇرمۇلېن
دۇنيا تارىخى
至尔.妙伦
zhì ěr .miào lún
(1883 - 1951) ئاۋستىرىيىلىك ئايال يازغۇچى. ۋېنادا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە دادىسى بىلەن بىللە ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارغان. درېيفۇسنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1905 - يىلى فرانكفورت باسما زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ئىشچىلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشقان. 1920 - يىلى گېرمانىيە پرولتارىيىتىنىڭ ئەدەبىيات پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1924 - يىلى <ساقچى كارل.مىللې> دېگەن پوۋېستنى يازغانلىقتىن، ۋېيمار جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن <ۋەتەنگەئاسىيلىق قىلدى> دەپ ئەيىبلەنگەن. 1933 - يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ۋېناغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن ئۇزاققىچە چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ <كىچىك پېترنىڭ دوستلىرى ئېيتقان ھېكايىلەر> (يەنە بىر تەرجىمىسى <كىچىك پېتر>)، <ھەقىقەت قورغىنى>، <گىلەم توقۇغۇچى ئەلى>، <بۇتخانا>، <زورچاق>، <كۆلەڭگىدىكى بىر يىل> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.