Uyghur主要词典
زۇننار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خرىستىئان دىندىكىلەرنىڭ بېلىگە باغلايدىغان بەلۋېغى، بەلۋاغ:
بۇت؛ ئۆزىگە چوقۇندۇرغۇچى، تارتقۇچى:
بوينىغا ئاسىدىغان، زىننەت بۇيۇمى:
شەيخ سەنئاندەك ماڭا ئول مەھۋەشى تەرسا سىفەت،
قاشلارىنى بۇت قىلىپ زۇلفىنى زۇننار ئەيلەدى،
قەلەندەر.
سۇجدى كەئبەئى دەير ئەيلەسەم ئەگەر ئەجەب ئېرمەس،
قولۇمدا ساغەرى سەھبا، بېلىمدە رىشتەئى زۇننار.
سەبۇرى.
2. ھەۋايى كاكۇلى كۇفرۇڭنى ئەيلەبان زۇننار،
ساچىڭ سەۋدى خىيالىنى مەن رىدا قىلايىن.
ئەرشى.
3. يولدا بىر مەھۋەشنى كۆردۈم ئۆزگەچە رەفتارى بار،
باشىدا گۇلگۇن جەلاسى ئۆشىندە زۇننارى بار.
مەھزۇن خوتەنى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بويۇنغا ئاسىدىغان زەنجىر؛ خىرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىۋالىدىغان كىرىستلىرى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: چىقتى ئاگاھ مەھۋەشى رەڭگىنى گۈلزار ئەيلىگەچ، ھەلقە - ھەلقەزۇلفىنى بوينىغە زۇننار ئەيلىگەچ. (نۆبىتى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويۇنغا ئېسىپ كۆكرەككە ساڭگىلىتىپ قويۇلىدىغان بېزەك. كۆپىنچە ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتتىن ياسىلىدۇ.
ھازىر مېدالىئون تاقاش خوتۇن - قىزلار ئارىسىدا مودا بولۇپ قالدى. سىلكىنچەك سالغان بوينۇڭدا، قولۇم بولسا ئىدى. زۇننار تاقىغانغا زىننەتلىك بولۇشۇڭ ناتايىن. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <بوغماق> سۆزلىمىنىڭ بارلىقى بىزدە بوغماقنىڭ مىڭلارچە يىللار ئىلگىرى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
زىننەتلىك بەلۋاغ، كەمەر.
كۆچمە. ئاياللارنىڭ بوينىغا ئاسىغان قىممەت باھالىق بۇيۇملارنىڭ بىرى.
رازىيەنىڭ زۇننارىنىڭ ياقۇت كۆزى ۋالىلدىماقتا ئىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئوتلۇق، زىننەت بۇيۇمى نامى.