Uyghur←Chinese主要词典
زۇلۇكسىمان ۋىبرىئون
بىئولوگىيە
蛭弧菌
zhìhújūn
باكتېرىيىدە پارازىتلىنىپ ئۇنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل باكتېرىيە. ئۇ 1962 - يىلى تېپىلغان. ئۇ باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، باكتېرىئوفاگقا ئوخشاش رول ئوينايدۇ. بىراق ئۇ ۋىرۇس ئەمەس. ئۇنىڭدا باكتېرىيىنىڭ بارلىق مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، يايسىمان ياكى پەشسىمان، بەزىدە بۇرمىسىمان بولىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى 0.3 ~ 0.6 × 0.8 ~ 1.2 μm بولىدۇ، ھۈجەيرە ئۇچىغا يېقىنراق ئورۇندا يەككە قىلايىغى بولىدۇ، گرام مىنۇس بويىلىدۇ. ئۇنىڭ پارازىت ئىگىسىنىڭ باكتېرىيىگە بۆسۈپ كىرىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئالدى بىلەن پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىگە قاتتىق سوقۇلۇپ يېپىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن باكتېرىيە تەنچىسى ھەر سېكۇنىتىغا 100 قېتىم تېزلىك بىلەن ئايلىنىپ، بىر خىل مېخانىكىلىق <بۇرغىلاش> ئېففېكتىنى ھاسىل قىلىپ، پارازىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرە پوستى بىلەن ھۈجەيرە پەردىسى ئارىسىغا كىرىپ كۆپىيىدۇ. ئۇ تۇپراق، سۇ ۋە پاسكىنا سۇلارغا كەڭ تارقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە مېدىتسىنا جەھەتتىكى زىيانلىق باكتېرىيىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ سۇنى تازىلىغىلى بولىدۇ. بىراق ئۇ ئۆزىمۇ دائىم زۇلۇكسىمان ۋىبرىئون باكتېرىئوفاگنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەتقىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئالاھىدە بولغان باكتېرىيە - زۇلۇكسىمان ۋىبرىئون - باكتېرىئوفاگدىن ئىبارەت <ئۈچ بىرىكمە تەن> پارازىتلىنىش سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. زۇلۇكسىمان ۋىبرىئون بەزى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.