Uyghur主要词典
زۇلۇكلار سىنىپى
بىئولوگىيە
بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ بولۇپ، بۇ سىنىپتىكى ھايۋانلار زۇلۇك دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئادەتتە تېنى ئۇزۇن ھەم دۈمبە، قورساقلىرى ياپىلاق، ئېغىز ئالدى ياپراقچىسىنى قوشقاندا 33 تەن بوغۇمى بىلەن جەمئىي 34 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن، ھەر بىر بوغۇمنىڭ سىرتى يەنە بىر قانچە تەن ھالقىسىمان بۆلۈنگەن، ھەر بىر تەن بوغۇمىنىڭ تەن ھالقىلىرىنىڭ سانى ئوخشاشمايدۇ. قىلچىق تۈك ياكى سۆگەلسىمان ئاياغلىرى يوق، ئالدى كەينى ئۇچلىرىدىكى تەن بوغۇمى شورىغۇچ تەخسىگە ئۆزگەرگەن. زۇلۇكلار باشقا تەنىدىن ئۇرۇقلىنىپ كۆپىيىدۇ. تۇخۇم غوزىكى بولىدۇ، تۇخۇمى غوزەك ئىچىدە بىۋاسىتە يېتىلىپ بال تەنىسى تۇخۇمىدىن چىقىپلا مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. تاتلىق سۇ ياكى نەم ئورۇنلارغا تارقىلىپ كۆپچىلىكى يېرىم پارازىت ھايات كەچۈرىدۇ. مەسىلەن، بويۇن زۇلۇك (Trachelobdellasinensis) كارىپ بېلىقى (سازان بېلىق)، تاپان بېلىق (كاراس) قاتارلىق بېلىقلارنىڭ ژابرا (ساقاق) قاپقىقى ئاستىدا ئۇلارنىڭ قېنىنى شوراپ پارازىتلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بېلىق باقمىچىلىقىغا زىيانلىق؛ سۇزۇلۇكى (Hirudo nipponia) سۇلۇق ئېتىز، سازلىق كۆللەردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ ئادەم، ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شوراپ يېزا ئىگىلىك مەشغۇلاتلىرىغا زىيان سالىدۇ. زۇلۇكلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە ياكى دورىلار ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىشقا بولىدۇ، ياكى ئاممىياك سۈيى، ھاك، چاي ئىشلەشتىن قالغان قالدۇقلارنى ئوغۇتقا قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سۇ زۇلۇكى شۆلگىيىدە بولىدىغان خرۇدىن ماددىسى ترومبازىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلاپ قان ئۇيۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش (ئانتى ترومبىن) رولىنى ئوينايدۇ، قۇرت تېنىنى قۇرۇتۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، يەنە جۇڭگوچە دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇلار ئاساسەن توختاپ قالغان ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، خىلىتلارنى تارقىتىش رولىغا ئىگە.