Chinese→Uyghur主要词典
咀叉始罗
دۇنيا تارىخى
تاكشاسلا
پاكىستاندىكى داڭلىك قەندىھار قەدىمكى شەھىرىنىڭ خارابىسى. ئورنى پاكىستاندىكى راۋالپىندىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. جۇڭگولۇق راھىب فاشيەن بىلەن شۈەنزاڭ بۇ جايغا بارغان. ئەنگلىيە ئارخېئولوگى مارشالل بىلەن ئۇئىلېر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1912 - 1934، 1944 - 1945 - يىللىرى بۇ جاينى كەڭ كۆلەمدە قېزىپ تەكشۈرۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان شەھەر خارابىلىرى ۋە نۇرغۇن بۇددا ئىبادەتخانا خارابىلىرىنى تاپقان. شەھەر خارابىلىرى تۆپىلىك،ەھەر ئىچىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئېگىزلىككە جايلاشقان، كېيىن شەھەر ئىچىدىمۇ بارلىققا كەلگەن. تېپىلغان كۆپ مىقداردىكى ھەيكەل، تام رەسىملىرى، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كۈندىلىك قورال - سايمانلار قەندىھار بۇددا سەنئىتى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.