Uyghur主要词典
زورلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنى بىرەر ئىش - ھەرىكەت قىلىشقا قىستىماق.
خورازنى تۇخۇم تۇغۇشقا، ئۆردەكنى تۇخۇم بېسىشقا زورلىما. زورلىغاننىڭ زورى بار، ئىسسىق ناننىڭ ھورى. كۆزنى يۇمۇشقا مەجبۇرلىغىنىڭ بىلەن ئۇيقۇغا كېتىشكە زورلىيالمايسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن بىرەر ئىشقا مەجبۇر قىلماق. ئىختىيارىدىن تاشقىرى ئىش قىلىشقا قىستىماق.
تاماققا زورلىماق.
زورلىغاننىڭ زورى بار، ئىسسىق ناننىڭ ھورى (ماقال).