Uyghur主要词典
زوق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىقىش.
ئېستېتىك زوق ئالماق. مېنى ئەسىر قىلار شوقى بار كىشى، گەدىنىمدە ئىشىقنىڭ زوقى بار كىشى، سەن نەدىن بىلىسەن ئىشىق لەززىتىنى، بۇ شارابنى ئىچكەي زوقى بار كىشى. زوق - شوق بىلەن يېزىلغان يېرىم ۋاراق، زوقسىز يۈز كىتابتىن ياخشىراق. ئىشتىياق _ بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېستېتىكىلىق لەززەت بېغىشلايدىغان نەرسىلەر تەسىرىدىن كىشىدە پەيدا بولىدىغان ياخشى كەيپىيات؛ ھوزۇر.
زوق ئالماق.
مەن گۈزەلئاينىڭ چالغان ساز ۋە ئاۋازىنى كۆزلىرىمنى يېرىم يۇمۇپ زوق بىلەن ئاڭلايمەن.
ئىشتىياق، ھەۋەس، قىزىقىش.
- ئالتۇندەك يەرلەر ئىكەن -دە، - دەۋەتتى زوقىنى باسالماي قالغان رەپىق ئاكا ئېتىزغا قاراپ.