Chinese→Uyghur主要词典
总鳍鱼类
بىئولوگىيە
چوتكا پالاقلىق بېلىقلار
جۈپ پالاقسىسى تەڭگىچىلەرگە قاپلانغان گۆشلۈك ياپراقچىدىن ئىبارەت بولۇپ، يان ئوق شەكلىگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسكىلىتىنىڭ تىزىلىشى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئورمۇتقىلىق ھايۋانلارنىڭكىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئادەتتە ئىچكى بۇرۇن تۆشۈكى ۋە بويۇن پلاستىنكىسى بولىدۇ. پۈۋىكى ئارقىلىق ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ. دۈمبە پالاقچىسى ئىككى دانە، ئۇلار ئاساسەن تاشقا ئايلانغان بېلىقلاردىن بولۇپ، پالېئوزوي ئېراسى ۋە مىزوزوي ئېراسى مەزگىلىدىكى تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان، تارقىلىشى كەڭ بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپ ئۇلار كېيىنكى دېۋون دەۋرىدىكى تاتلىق سۇ لاتقا تىنمىلىرىدىن تېپىلغان. بۇ خىل بېلىقلار يۈز نەچچە مىليون يىل ئىلگىرىلا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بېلىقلار دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن 1938 - ۋە 1952 - يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز بويىدىن تۇتۇلغان ئىككى خىل بېلىق (نەيزە قۇيرۇق بېلىق بىلەن مالەن بېلىقى) بولسا، قەدىمكى چوتكا پالاقلىق بېلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان، تېخىچە ساقلىنىپ كەلگەن تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇنداق بېلىقلاردىن 80 دىن ئارتۇقى تۇتۇلغان بولۇپ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى قىممەتلىك <تىرىك قالدۇق> دەپ تونۇلماقتا. قەدىمكى چوتكا پالاقلىق بېلىقلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل سۆڭەك تەڭگىچىلىك بېلىق (osteotepis) نىڭ مېڭە قۇتىسىدىكى سۆڭەك ياپراقچىلىرىنىڭ تىزىلىش شەكلى، چىشىنىڭ تىپى ھەم جۈپ پالاقچىسىنىڭ ئىسكىلىت تۈزۈلۈشى قاتارلىقلىرى قەدىمكى قوش ماكانلىقلارنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشاش بولغاچقا، قەدىمكى چوتكا پالاقلىق بېلىقلار قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارالماقتا چوتكا پالاقلىق بېلىقلارنىڭ تۆت پۇتلۇق ھالەتكە كېلىپ قۇرۇقلۇققا چىقىپ قوش ماكانلىقلارغا ئۆزگىرىشى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.