Chinese→Uyghur主要词典
宗教改革运动
دىن
zōng jiào gǎi gé yùn dòng
基
خىرىستيان دىنى
دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى، دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى
<دىنىي ئىسلاھات>دىگەن سۆز لاتىنچە reformatio دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ،<ئىسلاھات>،<ئۆزگەرتىش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردە ياۋرۇپا رىم كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان،بۇنداق قارشىلىق گېرمانىيە شۋېتسارىيە، سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى ئاۋستىرالىيە، نېدېرلاندىيە ئەنگلىيە، فرانسىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە ۋە پولشا قاتالىق دۆلەتلەردىمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇ مەزگىلىدە ياۋروپادىكى فېئوداللىق تۈزۈم يىمىرلىشىكە باشلاپ كاپىتالىزم باش كۆتۈرۈپ چىقىپ مىللىي دۆلەتلەر بارابارا شەكىللىنىشكە باشلىغان. لېكىن پاپا باشچىلىقىدىكى رىم كاتولىك چېركاۋى جېنىنىڭ بارىچە كونا فېئوداللىق تەرتىپلەرنى ساقلاپ قېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان مانا بۇ زىددىيەتنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالغان 1517-يىلى مارتىن لۇتېر<توقسان بەش ماددىلىق پروگرامما>ئېلان قىلىپ پاپىنىڭ گۇناھىدىن ساقت قىلىش بېلىتى ساتقانلىقىغا قارشى تۇرۇپ كۈرەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان. 1521-يىلى مارتىن لۇتېر ئاممىنىڭ ئالدىدا پاپانىڭ ئۆزىنى دىن تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى كۆيدۈرۈپ ھەرىكەتنىڭ تەرەققىيات تېزلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دىنىي ئىسلاھات داۋامىدا بارلىققا كەلگەن دىنىي مەزھەپلەر پروتېستانت دىنىي دەپ ئاتالغان ، بۇدىننىڭ كاتولىك دىنىدىن پەرقلىنىدىغان ئاساسلىق نۇقتىلىرى؛<ئېتىقاد نىجادكارلىق>نى يەنى ئېتىقادقا تايىنىپ نىجادكارلىققا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، مىسسئونېرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تۈرلۈك دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوقلۇقىنى تەشەببۇس قىلغان؛ كاتولىك دىنىنىڭ دىنىي تەبىقە تۈزۈمىگە بۇتقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئاز ساندىكى پوپلارنى چېركاۋنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغان ۋە ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.<ئىنجىل>نى ئېتىقادنىڭ بىردىنبىر ئاساسى قىلىشنى تەكىتلەپ، ھەممە ئادەمنىڭ<ئىنجىل>نى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان؛ پاپىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى چېركاۋنىڭ ئىشلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشىغا ۋە ئارىلىششقا قارشى تۇرۇپ،رىم ۋاتىكانېدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققان مىللىي چىركاۋ قۇرۇپ چىقىپ، شۇ مىللەتنىڭ تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاتولىك دىنىنىڭ بىرمۇنچە دىنىي مۇرسىملىرىنى بىكار قىلىپ چوقۇندۇرۇش ۋە مۇقەددەس غىزا مۇراسىمىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا پروتېستانت چېركاۋى<ئاددىساددا چېركاۋ>دەپ ئاتالغان. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ قاتناشچىلىرىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە بۇرژۇئازىيە، دېھقانلار، شەھەرلەردىكى ئاددىي پۇقرالار ھەمدە دەھرىي پادىشاھلار، فېئوداللارمۇ بار. پروتېستانت دىنىدا ئۈچ مەزھەپ بار؛ يەنى ماتىن لوتېر بەرپا قىلغان لوتېر مەزھىپى گېرمانىيىدە پەيدا بولغان كېيىن سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى شۇنىڭدەك شۋېتسارىيە، فرانسىيە قاتالىق دۆلەتلەرگە تارقالغان بولۇپ مۆتىدىلچىلەرگە مەنسۇپ؛ كالۋىن بەرپا قىلغان كالۋىن مەزھىپى، شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن كېيىن فرانسىيە، نېدېرلاندىيە ۋە شوتلاندىيە قاتالىق دۆلەتلەرگە تارقالغان بولۇپ، رادىكاللارغا مەنسۇپ؛ ئەنگىلىيە ئەيسە جەمئىيىتىنى يەنى ئەنگلىيە دۆلەت چېركاۋى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ جەمئىيەت ئەنگليە كورولى تەرىپىدىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە يەردە قۇرۇلغان بولۇپ، كونسېرۋاتىپلارغا مەنسۇپ(<ئەنگلىيە دىنىي ئىسلاھاتى>غا قارالسۇن). دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى پاپاۋە كاتولىك چېركاۋى كۈچلىرىگە زەربە بېرىش شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا فېئوداللىق تۈزۈمىگە زەربە بېرىشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بارلىققا كەلگەن پروتېستانت دىنىي مەزھەپلىرى خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېڭى روھىي كىشەن بولۇپ قالغان.