Uyghur主要词典
زومىگەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەتنى بىلمەيدىغان، كىشىگە زۇلۇم سالىدىغان كىشى.
زالىمنى پەقەت زالىم جازالايدۇ. زالىم ھەممىدىن بەتتەر قورقۇنچاق. ئەزگۈچى بىلەن مۇرەسسە قىلىش _ جىنايەت. زومىگەرنىڭ غەلبىسى ئۇزۇنغا بارماس. زومىگەرنىڭ قولىدىكى بىلىم _ مەستنىڭ قولىدىكى قېلىچ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - تەسىر ۋە بايلىقىغا تايىنىپ باشقىلارغا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان.
ئانىي، بوزەك
قارشىلىق كۈچى ئاز، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان.
ئانىينى تاپسام، بۇرنىغا يىپ ساپسام. بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ قىيامەتتە سورىقى بار. مۇشتۇمزور ئاخىر مۇشت ئاستىدا ئۆلىدۇ. يەر ئىسلاھاتىدا زومىگەرلەر كۈرەشكە تارتىلىپ، قالپاق كىيدۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغان، قامالغان، ئېتىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ بىرەر جاي ياكى ساھەنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، خەلقنى بوزەك قىلىدىغان ھەمدە باشقىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش بەدىلىگە ھايات كەچۈرىدىغان ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار.
پۇل زومىگىرى.
يەر زومىگىرى.
زومىگەر ئۇنسۇر.