Uyghur主要词典
زۆرۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زور ئەھمىيەتكە ئىگە، كەم بولسا بولمايدىغان.
ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ھەممىدىن زۆرۈر. ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى مۇھىم ئەمەس، ياخشىلىق - يامانلىق مۇھىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ ۋە ئېھتىياجنى بىلدۈرىدۇ.
«كېرەك» پېئىلىنىڭ شەرت مەيلى بىلەن بىرىككەندە ئېھتىماللىق، تەخمىن، گۇماننى بىلدۈرىدۇ. باشقىلىرىدا بۇ ھال يوق.
كېرەككە تېرەك يىقىلىدۇ. يىغقان مال جانغا كېرەك. بۈگۈن يامغۇر ياغسا كېرەك. قىممەتلىك پىكىرىمىز ھەقىقەتكە زىت كېلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن ۋازكېچىشكە رازى بولۇشىمىز. تىرىشچانلىق ۋە قانائەتلەنمەسلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك زۆرۈر. ئېڭىكى چۈشكەن چاغدا ياڭاق چېقىش ھاجەتمۇ؟ ئوقۇغاننى تەكرارلاپ تۇرۇش تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟ پۇقرالار قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاساسلىق، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان.
ئەرزىمەس، ئانچىكى
ئاساسلىق ئەمەس، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدىغان.
ئالدىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ئىشلار تۇرۇپتۇ، تىرىشىپ ئۆگىنەيلى. زۆرۈر تېپىلغاندا جاندىن كېچىشكىمۇ توغرا كېلىدۇ. ئەرزىمەس ئىشلارغا جاپا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئانچىكى ئىش - قانچىكى ئىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ياكى ئېھتىياج ئۈچۈن كېرەك بولغان لازىملىق؛ كېرەكلىك.
مۇشۇ تاپتا ئەڭ زۆرۈر نەرسە يىقىلغۇ.
تېز قىلىنىشى لازىم بولغان، مۇھىم.
بۇ ھەقتە رەھمەتجان بىلەن مۇڭدىشىشمۇ زۆرۈر ئىدى.