Uyghur主要词典
زىندان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قاماقخانا:
قاراڭغۇلۇق، قاراڭغۇ جاي، زىندان:
غە، قايغۇ:
1. كى زىندان ئىچىدە گۇنەھكارلار،
كۆپ ئېردى ئىچىدە تەبەھكارلار.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ئىككىنچى دەفئە پادىشاھغە ئەرز قىلىپ چاھغە تاشلاڭلار دەپ بۇيرۇغاندا، زىنداندا ئىتنىڭ ۋەفادارلىقى بىرلە روزگار كەچۈرۈپ، يەنە بىر پەرۋىش سەئيى بىرلە جاھدىن خەلاس بولۇپ، خاجە باشىدىن ئۆتكەن ۋاقىئەتلەرنى مەلىكەغە تەئرىف قىلغانى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
3. كۆز ئاقارىپ سىزغۇدەك بولدى كۆزىنىڭ مەردۈمى،
گەرچە ئەيشى - راھەتىنى مېھنەتى زىندان قىلىپ.
موللا سالېھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەھبۇسلارنى قاماپ قويىدىغان جاي؛ كۆچمە مەنىدە ئەڭ مۇشەققەتلىك، چىدىغۇسىز مۇھىت.
بۈگۈن بىز تۈرمىگە چۈشتۇق،كىم خالايدۇ دەيسىز بۇ تۈرمىنى، لېكىن مەڭگۈ تۈرمىدە يېتىشقا رازىمىز، يوقىتىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بېشىدىكى ئازاب _ ئوقۇبەتلەرنى. ئاۋاختىدا ياتقاننىڭ ھەممىسىلا جىنايەتچى ئەمەس. قاماقخانا ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچ ئامىلىنىڭ بىرى. گۇندىخانىدا يېتىشتىن خۇدا ساقلىسۇن. دادام سېڭ شىسەينىڭ ھەپىسىدە قازا قىلغان. ئاغرىق _ تەننىڭ زىندانى، قايغۇ _ جاننىڭ زىندانى. نادانلارنىڭ سۆھبىتىدىن زىندان ياخشىراق. سادىر پالۋان بەنپاڭزىدا ياتقان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يەر ئاستىدىكى زەي ۋە قاراڭغۇ قاماقخانا؛ سولاقخانا؛ تۈرمە.
زىندانغا تاشلىماق. زىنداندا ياتماق.