Uyghur主要词典
زىمبابۈۋى
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك زىمبابۈۋى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى زىمبابۈۋىنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى تاشتىن ياسالغان بىناكارلىق قۇرۇلىشىنىڭ خارابىسى. زىمبابۈۋى يەرلىك شونا تىلىدا<تاش شەھەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ 1868 - يىلى تېپىلغان بولۇپ، زىمبابۈۋىنىڭ فورت ۋىكتورىيە شەھىرنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدىن 27 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. بۇ جايدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان دائىرىدە جەمئىي 300 دىن ئارتۇق تاش شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ۋە ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بولغىنى زىمبابۈۋى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوردا، بۇتخانا، ساراي، مۇنار قاتارلىق تاشتىن ياسالغان قۇرۇلۇشلار بار. تاشقى شەھەر ۋە ئىچكى شەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تاشقى شەھەر تەخمىنەن ئىگىزلىكى 120مېتىر كېلىدىغان گرانت تاغنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر، قېلىنلىقى 5 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 240 مېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ، ھەممىسى چىرايلىق يۇنۇپ سىلىقلانغان زورگرانت تاشلاردىن قوپۇرۇلغان. ئىچكى شەھەر تاغ ئېتىكىدىكى جىلغا ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، قىياغا يۆلەپ سېلىنغان ئېللىپىس شەكىللىك قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت. شەھەر ئىچىدە ئىگىزلىكى 15 مېتىر كىلىدىغان كونۇسسىمان تاش مۇنار بار. قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈزىدە قۇش شەكىللىك بەلگە ۋە ئويمىلار بار. بۇ يەردىن تېپىلغان جۇڭگونىڭ فار فۇر بويۇملىرى كاربون - 14 بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى Ⅹ ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە بولغان مەزگىل دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە شەھەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇئانومۇتا پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولغان دەپ جەزم قلىنغان. كېيىن، روزۋىيلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەھەر ۋەيران قىلىنغان. قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە قەدىمكى دەۋردىكى پەلەمپەي ئېتىزلار، ئېرىق - ئۆستەڭلەر، قۇدۇق ھەمدە تۆمۈرچىلىك سايمانلىرى بىلەن ساپال قاچا، ئالتۇن بويۇملار، ئەينەك شارچىلار قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار تېپىلغان.