Uyghur主要词典
زىلزىلە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىمىرلاش، تىترەش، زىلزىلە:
رۇزى مەھشەر زىلزىلە تۈشكەندە ئالەم ئەھلىغە، كۆز تۇتار سەندىن شەفائەت ئەنبىياۋۇ ئەۋلىيا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىمىرلىماق، تىترىمەك، يەر تەۋرىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تىترەش، تەۋرەش.
ھېلىقى ئاۋاز بارغانسېرى كۈچىيىپ، زېمىندا زىلزىلە، تەنلەردە تىترەك پەيدا قىلىغلى تۇردى.
كۆچمە. قاتتىق غۇلغۇلا.
ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى خەلق ئىچىدە كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغانىدى.