Chinese→Uyghur主要词典
自制性
پسىخولوگىيە
ئۆز ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى
بۇ ئېسىل ئىرادە پەزىلەتلىرىدىن بىرى. ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە تىزگىنلەشكە ماھىرلىق قابىلىيىتى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى دېيىلىدۇ. بۇ خىل قابىلىيەت كىشىنى ئۆز قارارىنى ئۆز ۋاقتىدا قەتئىي ئىجرا قىلىدىغان قىلىدۇ. ھەمدە سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەرىكەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ بىر خىل يۈكسەك دەرىجىدىكى سەۋرىچانلىق بىلەن «ئۆز نەپسىدىن كېچىش» كە ماھىرلىقنىڭ ئىپادىسى. مەسىلەن: پاسسىپ كەيپىياتنى تىزگىنلەپ، قوپاللىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىسمانىي ئاغرىققا چىداشلىق بېرىش قاتارلىقلار. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ناھايىتى مۇھىم ئىرادە پەزىلىتى. كىشىلەر كۈنلۈك تۇرمۇشتا پەقەت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىگە ماھىر بولغاندىلا، ئۆز ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولالايدۇ. بۇ خىل ئىرادە پەزىلىتىگە ئىگە بولۇش تۈرلۈك ئىجادىي ئەمگەكلەر ئۈچۈن ئالغاندا كەم بولسا بولمايدىغان بىر پەزىلەت.