Chinese→Uyghur主要词典
自由泰人运动
دۇنيا تارىخى
ئەركىن تايلاندلىقلار ھەرىكىتى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تايلاند خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلات. 4219-يىلىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. رەھبىرى پېرىد پانوميوڭ (1900 - 1983) ۋە سېنى پراموج (1905 - ؟). جەمئىي 50 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇلار ئوخشاش بولمىغان سىنىپلارغا ۋەكىللىك قىلغان. تايلاند ئىشچىلار سىنىپى ھەرىكەتتە ئاكتىپ رول ئوينغان. ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى - مەملىكەت سىرتىدا ئالاھىدە خىزمەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بۇلارنى تايلاندقا قايتۇرۇپ كېلىپ، ياپونغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھەرىكەت توختاپ قالغان.