Chinese→Uyghur主要词典
自由民权运动
دۇنيا تارىخى
ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى
1874 - 1889-يىللىرى ياپونىيە مېيجى دەۋرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتىزملىق ھەرىكەت. ئاساسلىق تەلىپى پارلامېنت تەسىس قىلىش، يەر بېجىنى كېمەيتىش ۋە شەرتنامىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. بىرىنچى باسقۇچ: مېيجى ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە ئېغىر باج - سېلىق سىياسىتى خەلقنىڭ نازارىلىقىنى قوزغىغان. 1874-يىلى 1-ئايدا ئىتاگاكى تايسوكى، گوتوشۇجىرو قاتارلىق تۆرە ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتكە تەكلىپنامە سۇنۇپ <خەلق سايلىمى پالاتاسى تەسىس قىلىش> نى تەلەپ قىلغان؛ 4-ئايدا توسادا ئىرادىلىكلەر جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1875-يىلى 2-ئايدا ئوساكودا ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى قۇرۇلغان. ئىككىنچى باسقۇچ: 1877-يىلى 6-ئايدا ئىرادىلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى كاتا ئوكاكېنكىچى قاتارلىقلار تېننوغا ھۆكۈمەتنى ئىمتىيازلىق سودىگەرلەرگە يان بېسىپ، يەر بېجىنى كۆپ ئالدى دەپ، ئەيىبلىگەن. 1878-يىلى 11-ئايدا، قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي پارچىلىنىپ كەتكەن ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى ئوساكادا قايتىدىن قۇرۇلۇش يىغىنى ئېچىپ، يىغىنىدا مەملىكەتلىك جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرغان. 1879-يىلى 11-ئايدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيتى ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىدا پارلامېنت چاقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغان. 1880-يىلى 3-ئايدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى تۆتىنچى قېتىمىلق يىغىنىدا نامىنى پارلامېنت قەرەللىك ئىتتىپاقى دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، ھەرىكەت تېز راۋاجلانغان. 1881-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوكاما شىگېنوبۇ پارلامېنتنى بۇرۇنراق چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلانلىقتىن، كېڭەش پالاتاسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى كۈنى تېننو يارلىق چۈشۈرۈپ، 1890-يىلى پارلامېنت تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قانۇن جاكارلايدىغانىقىنى ئېلان قىلغان. ئۈچىنچى باسقۇچ: ھۆكۈمەتنىڭ ئالدامچىىلق، تەھدىتلىرى مۆلچەرلىگەندەك ئۈنۈم بەرمەي ئۆكتىچىلەر ئارقا - ئارقىدىن بۇرژۇئا پارتىيىلىرىنى قۇرغان. 8118-يىلى 10-ئايدا، ئىتاگاكى تايسوكې لىبېرالسىتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1882-يىلى 4-ئايدا، ئوكاماشىگېنوبو ئاساسىي قانۇنلۇق يېڭىلاش پارتىيىسىنى قۇرغان. لىبېرالستلار پارتىيىسى ئاساسەن، تۆرىلەر، پومېشچىكلار ۋە دېھقانلار ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيىچە رادىكال ئەركىن خەلق ھوقۇقچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئاساىي قانۇنلۇق يېڭىلاش پارتىيىسى ئاساسەن، شەھەر سودا - سانائەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيىچە تەدىرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق يېڭىلاش پارتىيىسدىن رادىكالراق بولۇپ، ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى مەركىزىي رەھبەرلىك گۇرۇھىدىن رادىكالراق بولغان. دائىم دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈرەشكە باشلىغان. ئالايلۇق، فۇكوشىما ۋەقەسى، كاباسان ۋەقەسى قاتارلىقلار. ھۆكۈمەتنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رادىكال ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، لىبېرالىستلار پارتىيىسى رەھبەرلىك گۇرۇھى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىپ، ئاخىرى پارتىيىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان (1884-يىلى 10-ئايدا)، شۇنىڭدىن كېيىن ھەرىكەت پەسىيىپ كەتكەن. تۆتىنچى باسقۇچ: لىبېرالىستلار پارتىيىسى تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى پارتىيە ئەزالىرى جايلاردا كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن (چىچىبۇ ۋەقەسى، ئىدا ۋەقسەسى، ئوساكا ۋەقەسى، شىزوئوكا ۋەقەسى قاتارلىقلار)، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك كەم بولغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەستىن ھەرىكەت يەنە كۆتۈرۈلگەن. 1887-يىلى 10-ئايدا، كاتائوكا كېنكىچى قاتارلىقلار ھۆكۈمەتكە <سۆز ئەركىنلىكى بولۇش>، <يەر بېجىنى كېمەيتىش>، <شەرتنامىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش> نى تەلەپ قىلىدىغان ئۈچ چوڭ تەكلىپنامىنى ئوتتۇرىغا قويغان، گوتوشوجىرو بولسا، ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇھلارنى <ئىتتىپاقلىشىش> قا چاقىرغان. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى ۋە گوتو قاتارلىقلارنىڭ ئاسىيلىق ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، ئۈچ ئىش توغرىسىدىكى تەكلىپ سۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغان. 1889-يىلى 2-ئايدا مېيجى ھۆكۈمىتى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى جاكارلاپ، ئىككىنچى يىلى 11-ئايدا، ئىمپېرىيە پارلامېنتىنى چاقىرغان. 15 يىل داۋالاشقان ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى غەلىبە قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيىدە پۇقرالارغا تۇنجى قېتىم خەلق ھوقۇقى ۋە ئىنقىلاب ئىدىيىسىنى تارقاتقان؛ قانۇنىي يەر باھاسى بىلەن سودىدىكى يەر باھاسىنىڭ پۈتۈنلەي ئايرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىۇئې كائورونىڭ تەسلىمچىلىك دىپلوماتىيىسىنى پاش قىلغان.