Chinese→Uyghur主要词典
自养生物
ئورمانچىلىق
zì yǎng shēng wù
ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىقلارDئۇنىۋېرسال
zì yǎng shēng wù
ئاۋتوتروفلار، ئاۋتوتروپىك جانلىقلار
بىئولوگىيە
ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىق ئورگانىزم
نىئورگانىك ماددىلار (مەسىلەن، كاربون )Ⅳ( - ئوكسىدى، ئازوت، ئاممىياك ۋە باشقا مىنېرال ئېلېمېنتلارنىڭ تۇزلىرى) نى خام ئەشيا قىلىپ ئۆز بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ئورگانىك ماددىلارنى سنتېزلايدىغان جانلىقلار. ئۇ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە بەزى بىنەپشە باكتېرىيە، خىمىسىنتېز باكتېرىيىلىرى (نىئورگانىك ماددىلار ئوكسىدلانغاندا ھاسىل بولىدىغان خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ، كاربون )Ⅳ( - ئوكسىدىنى ئورگانىك ماددىغا سىنتېزلاش)، مەسىلەن، نىتراتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە، گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى ۋە تۆمۈر باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنى پايدىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان جانلىقلار دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقىسى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى كېيىنكىسى مەلۇن نىئورگانىك ماددا ئوكسىدلانغاندا (ئاممىياك ياكى گىدرو سۇلفىد) قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەر خىل زۆرۈر ئامىنو كىسلاتالارنى سىنتېزلايدۇ.