Chinese→Uyghur主要词典
紫萁
ئۆسۈملۈك
zǐ qí
ياپون ئوسمۇنداسى، ئوسمۇندا پاپوروتنىكىDئۇنىۋېرسال
zǐ qí
ئوسمۇندا
بىئولوگىيە
ئوسمۇندا پاپوروتنىكى
ئوسمۇندا پاپوروتنىكى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى توم بولۇپ، تەڭگىچە يوپۇرمىقى بولمايدۇ، يۇقىرىغا يانتۇ كۆتۈرۈلىدۇ. يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇمران يوپۇرمىقى ئىچىگە قايرىلىدۇ، ۋېگېتاتىۋلىق يوپۇرماق ۋە سپورىلىق يوپۇرماققا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى (يوپۇرماق ئالىقىنى يېتىلمەيدۇ) ئۈچ بۇلۇڭلۇق كەڭ تۇخۇمسىمان بولىدۇ، ئۇچىدىن تۆۋەنگە قاراپ پەيسىمان ئىككى قايتىلىنىدۇ، كىچىك پەيسىمان يوپۇرمىقى ئللىپىسسىمان ياكى ئېللىپس شەكىلدىكى يىڭنىسىمان بولىدۇ، گىرۋىكىدە زىچ جايلاشقان پاكار ئۇچسىز چىشى بولىدۇ. سپورىلىق يوپۇرمىقى (يوپۇرماق ئالىقىنى يېتىلىدۇ) كۈچلۈك قورۇلىدۇ، كىچىك پەيسىمان يوپۇرماقلاردىن تۈزۈلىدۇ، سپورا خالتىسى ئوتتۇرا تومۇرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە زىچ جايلىشىدۇ، سپورا خالتىسى پىشقاندا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئوسمۇندا پاپوروتنىكى جۇڭگونىڭ مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرى ۋە ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۆسىدۇ، شىمالدىن شەنشى، گەنسۇ تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغىچە تارقالغان؛ ۋېيتنام، ھىندىستان ۋە ياپونىيىلەرگىمۇ تارقالغان. ئورمانلىق ياكى ئېرىق بويىدىكى كىسلاتالىق تۇپراقتا ئۆسىدۇ. يۇمران يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدۇ. يىلتىزسىمان غولى بىر قىسىم رايونلاردا سەرخىسنىڭ ئورنىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.