Chinese→Uyghur主要词典
姊妹染色单体交换
بىئولوگىيە
ئاچا - سىڭىل خروماتىدلارنىڭ ئالمىشىشى
قىسقىچە SCE دەپ ئاتىلىدۇ. خروموسوما نۇسخىىلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولۇپ بىر يېتىلىش نۇقتىسىغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىككى تال خروماتىد بولۇپ، ئۆز ئارا ئاچا - سىڭىل خروماتىد دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىككى تال ئاچا - سىڭىل خروماتىدلار ئارىسىدا ماس ھالدىكى بۆلەكلىرى سىممېترىيىلىك ئالمىشىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئالمىشىش خروموسومىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇش چاستوتىسى نىسپىي ھالدا تۇراقلىق بولىدۇ. ئىئونلىنىش رادىئاتسىيىسى ياكى خىمىيىلىك ئىندۇكسىيىلەپ ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ تەسىرىدە ئالمىشىش چاستوتىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ. شۇڭلاشقا SCE ئىندۇكسىيىلەپ ئۆزگەرتكۈچى ۋە راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلارنى ئېنىقلاشتىكى سەزگۈر ۋاستە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.