Chinese→Uyghur主要词典
自交不亲和
بىئولوگىيە
ئۆزىدىن چېتىشماسلىق
چەتتىن چاڭلىشىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزىدىن چېتىشتۇرغاندا ئۇرۇقلانماسلىق ھادىسىسى. بۇ يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزىدىن ئۇرۇقلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشتىكى بىر خىل ئاساسلىق ئۇسۇل. ئۆزىدىن چېتىشماسلىقنى بىر قاتار مۇرەككەپ تەڭ ئورۇنلۇق ئۆزىدىن چېتىشماسلىق گېنى (S گېن) كونترول قىلىدۇ، ئاتلىقى، ئانىلىق ئىككى تەرەپتە ئوخشاش ھالەتتىكى S گېن بولغاندا ئۆزىدىن چېتىشمايدۇ. ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى گۈل چېڭى تېمىدىكى ئالاھىدە ئاقسىل (پەرقلەندۈرگۈچى ئاقسىل) بىلەن ئانىلىقتىكى ئالاھىدە ئاقسىل ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پەرقلەندۈرۈش رېئالسىيىسىدىن ئىبارەت. چېتىشماسلىقنىڭ ئالامىتى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، گۈل چېڭى نەيچىسى ئانىلىق ئاغزىدىن كىرەلمەيدۇ (مەسىلەن، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى ۋە خۇخار گۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر)، يەنە بىرى، گۈل چېڭى نەيچىسىنىڭ ئانلىق بوينى ئىچىدىكى ئۈسۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ (مەسىلەن، پېدىگەن ئائىلىسى، ئازغان ئائىلىسى ۋە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر). سورت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە ئۆزىدىن چېتىشقان ئۇرۇققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھەر خىل سۈنئىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆزىدىن چېتىشالماسلىق ھادىسىسى ھەل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، غۇنچە مەزگىلىدە چاڭلاشتۇرۇش، گۈل چېڭىنى ئالداپ يېتەكلەش، تەندىن ئايرىپ ئۇرۇقلاندۇرۇش قاتارلىقلار.