Chinese→Uyghur主要词典
自订约章者运动
دۇنيا تارىخى
ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزگۈچىلەر ھەرىكىتى
شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەردىكى ئۇششاق دېھقانلارنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى يولغا قويغان بىر قاتار فېئوداللىق تۈزۈملەرگە قارشى ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزۈش ھەرىكىتى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نيۇ - يورك ۋە شىمالىي كارولىنا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن. 1765 - 1766 - يىللىرى نيۇ - يورك رايونىدا ۋىليام پرېندېرگاست باشچىلىقىدا ئورتاقچى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1768 - 1771 - يىللىرى شىمالىي كارولىنادىمۇ قوزغىلاڭ بولغان. قوزغىلاڭچىلار ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزۈپ، فېئوداللىق چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە يەر ھوقۇقىنى يۆتكەپ بېرىشكە بولماسلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شتات ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا ئەمەلدارلار نىسبىتى ۋەكىللىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى رەت قىلغان، ۋەھاكازالار. لېكىن قوززغىلاڭ رايونلىرى تارقاق، رەھبەرلىك بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر - بىرىگە ياردەم قىلىش كەم بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرى باستۇرۇلغان.