Uyghur主要词典
زىيان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
زەرەر؛ چىقىم، زىيان:
بۇ تەدبىر بىرلە تاپارسەن ئەمان،
سېنى كۆرسە ھەكىم يەتۈرمەس زىيان.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەلسىز قولدىن كەتكەن، يوقالغان نەرسە.
ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا. زىيان ئاچچىق، پايدا تاتلىق. كىمنىڭ كىيگەن لىباسى بولسا گەر ئىلمۇھۈنەر، ئۆيىدىكى زىلچىسى بورا بولسا نە زەرەر. قېرىنداش بولسىمۇ جاھىل، كېچىپ كەت، راھىتىدىن كۆپ، ساڭا زىيان - زەخمەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئوقەتتىن ھاسىل بولغان يوقىتىش. زىيان تارتماق
پايدا، ھايان، نەپ، بەھر، مەنپەئەت، تاپاۋەت
ئىش - ئوقەتتىن ھاسىل قىلىنغان ئۈنۈم، پايدا ئالماق
پايدا تاتلىق، زىيان ئاچچىق. كەمبەغەلنىڭ ھايىنى يوق، تاپقان پۇلىنى تايىنى. يەرگە قىغ بەرسەڭ، يەر ساڭا نەپ بېرىدۇ. يانچۇققا زىيان، ئەقىلگە پايدا. زەرەر زەھەردىن ئاچچىق. ھايان ماڭا، زىيان ساڭا. ياخشى ئىشتا بەھر كۆپ. ياخشى ئىشتىن بەھر ئال. كۆپچىلىككە مەنپەئەت يەتكۈز، كۆپچىلىكتىن مەنپەئەت ئال. دوستقا ئاداۋەت - دۈشمەنگە تاپاۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئومۇمەن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى يوقىتىش، چىقىم.
بۇ زىياننىڭ ئورنىنى شۇ تاپتا ھېچنېمە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايتتى.
كۆچمە. يامان تەسىر، زەرەر.
تاماكىنىڭ زىيىنى. ھاراقنىڭ زىيىنى.