Chinese→Uyghur主要词典
住友财阀
دۇنيا تارىخى
سۇمىتومو مالىيە ماگناتى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاۋۋالقى ياپونىيەدىكى تۆت چوڭ مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ بىرى. سۇمىتومو جەمەتى توكۇگاۋا شوگۇنلۇقى دەۋرىدىكى بېشىي مىس كېنىغا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن. مېيجى يېڭىلىقىدىن كېيىن، بېشىي مىس كېنىنى داۋاملىق باشقۇرۇپ كەلگەن ھەمدە سانائەت، ئورمانچىلىق، پۇل مۇئامىلە، سودا - ساراي قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ كىرىپ، ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ سومىتومو بانكىسى (1895)، سومىتومو مىس قازمىچىلىقى (1897)، سۇمىتومو سودا سارىيى (1899)، سۇمىتومو پولات قۇيمىچىلىقى (1901) قاتارلىق شىركەت - كارخانىلارنى ئاچقان. سۇمىتومو مالىيە ماگناتىنىڭ مەركىزى مۇئەسسەسى بولغان سۇمىتومو سودا كومپانىيسى 1875 - يىلى قۇرۇلغان، 1921 - يىلى سۇمىتومو باش سودا كومپانىيىسىگە، 1921 - يىلى سومىتومو بىرلەشمە كاپىتال شىركىتىگە، 1937 - يىلى سومىتومو ھەسسىدارلىق كومپانىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا سۇمىتومو كومپانىيىسىگە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تەۋە بولغان شىركەتلەر 135 كە يېتىپ، ئۇلارنىڭ نومىنال كاپىتالى 1 مىليارد 900 مىليون يىنغا يەتكەن. ئۇ كومپانىيە مىتسۇئى، مىتسىدۇ، بېشىيلەردىن قالسا ياپونىيە بويىچە ئۈچۈنچى چوڭ مالىيە ماگناتىغا ئايلانغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بۇ كومپانىيە مالىيە ماگناتى سۈپىتىدە تارقىتىۋېتىلگەن. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي كارخانا گۇرۇھى شەكلى بىلەن راۋاجلىنىپ، كارخانا گۇرۇھىغا ئايلانغان. 1977 - يىلى بۇنىڭغا بىۋاستە قاراشلىق كارخانىلار 21 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بانكا، ئىككى ستراخۋانىيە شىركىتى ۋە 17سودا - سانائەت كارخانىلىرى بولغان، 21 كارخانىنىڭ دىرېكتورلىرى <شىرامىزۇ كومپانىيىسى>نى تەشكىل قىلىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ زور پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كەلگەن.