Chinese→Uyghur主要词典
注意的集中性
پسىخولوگىيە
دىققەتنىڭ مەركەزلىشىشى
(توپلىنىش) بۇ پسىخىك پائالىيەتنىڭ باشقا مۇناسىۋەتسىز شەيئىلەردىن ئايرىلىپ، قارىتىلىشقا تېگىشلىك مەلۇم خىلدىكى شەيئىگە تىكلىپ قېلىش قابىلىيىتى، يەنى پۈتۈنلەي بېرىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. دىققەت مەركەزلەشكەندە، بىر تەرەپتىن قارىتىلىش دائىرىسى نسىپىي ھالدا كىچىكلەيدۇ، يەنە تەرەپتىن، ئوبيېكتقا چوڭقۇر تىكلىگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنكاس ئۈنۈمى ناھايىتى ئېنىق، تولۇ ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. بۇ مەلۇم بىر پائالىيەتنى توغرا، ئوڭۇشلۇق تاماملاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دىققەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.