Chinese→Uyghur主要词典
柱头
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك
zhù tóu
ئانىلىق تۇمشۇقىDئورمانچىلىق
zhù tóu
ئانىلىق تۇمشۇقى، تۇمشۇقچەDئۇنىۋېرسال
zhù tóu
تۈۋرۈك بېشى، تۈۋرۈك ئۇچى
تۈۋرۈك
ئانىلىق تۇمشۇقى، ستىگما
بىئولوگىيە
ئانىلىق ئاغزى
ئانىلىقنىڭ چوققا قىسمى. ئۇ كېڭىيىپ ئەمچەكسىمان ئۆسۈندە ۋە يېپىشقاق سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، گۈل چېڭىنى قوبۇل قىلىش ۋە يېپىشتۇرۇۋېلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ، شارسىمان، دۈگىلەك تەخسىسىمان، يۇلتۇزسىمان قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. شامال ۋاستىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەرنىڭ ئانىلىق ئاغزىنىڭ كېڭىيىشى ئەڭ روشەن بولىدۇ. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق ئاغزى شاخلانغان ۋە تۈكچىلەر ئۆسكەن بولۇپ، پەيگە ئوخشايدۇ. ئانىلىق ئاغزى ھەر خىل ماددىلار، (سۇ، قەنت، ماي، بور كىسلاتاسى) نى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، گۈل چېڭىنىڭ بىخلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت ئاقسىللىق پەردە بولۇپ، ئۇ گۈل چېڭى پوستىدىكى ئاقسىل بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىپ، خالايدىغان گۈل چېڭى بىلەن خالىمايدىغان گۈل چېڭىنى پەرقلەندۈرىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئانىلىق ئاغزى خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنى ئانىلىق ئاغزىغا كىرگۈزمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۇرۇقلانمايدۇ. ئاقسىللىق پەردىنىڭ ئاستىدا مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەت بولۇپ، ئۇ ئانىلىق ئاغزىنى قۇرۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، مىكرو ئورگانىزملار ياكى ئانىلىق ئاغزى خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.