Chinese→Uyghur主要词典
朱特人
دۇنيا تارىخى
يۇتلار
قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. دەسلىپىدە يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغا تارقالغان. يەنە بىر ئېيتىلىشتا دەسلىپىدە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا تارقالغان ھەمدە فرانكلار بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان دەپمۇ قارىلىدۇ. مىلادى Ⅵ - Ⅴ ئەسىرلەردە بىر بۆلەك گوتلار ئانگلولار ۋە ساكسونلار بىلەن بىلللە ئارقا - ئارقىدىن دېڭىزدىن ئۆتۈپ برىتانىيە ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، تېمزا دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىنى ئىگىلەپ، كېنت پادىشاھلىقىنى قۇرغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر مەھەل كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاجىزلاپ كەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي ساكس پادىشاھى ئېگبېرت تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئانگلولار ساكسونلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئانگلو - ساكسونلارنى شەكىللەندۈرگەن. چوڭ قۇرۇقلۇقتا قېپقالغان يۇتلار دانىيىلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.
ئۇنىۋېرسال
zhū tè rén
جوھۇت، جوھۇتلار