Uyghur主要词典
ژۇرنال
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پەن ۋە مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى، خەۋەرلىرىنى، تەرجىمىلىرىنى ۋە باشقا ئەدەبىي تۈس ئالغان يازما ھۈججەتلەرنى ئېلان قىلىپ تارقىتىدىغان نەشىر بۇيۇمى.
ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىنى دېگۈدەك ئېلان قىلىپ تارقىتىدۇ. مەسىلەن: «تارىم» ژۇرنىلى قاتارلىقلار. بەزى ژۇرناللار مەخسۇسلاشقان بولۇپ، مەلۇم ساھە، بىرلا ژانىر ئىجادىيىتىنى ۋە تەتقىقاتىنى ئېلان قىلىدۇ. مەسىلەن: «كۆۋرۈك» (تەرجىمە ئەدەبىياتى ژۇرنىلى) «شېئىرلار» ، «ھېكايىلەر» دېگەندەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەرەللىك چىقىرىلىدىغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەدىبىي ... رىسالە.
«قەشقەرنىڭ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1991 - يىل ئاۋغۇستتا ژۇرنال نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە 100 سان چىقىرىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
«بۇلاق» مەجمۇئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قۇتقۇزۇش، رەتلەش جەھەتتە چوڭ ئىشلارنى ئىشلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
كىتابچە ياكى مەجمۇئە شەكلىدە بەلگىلىك ۋاقىتتا چىقىرىلىدىغان ھەمدە پەن ۋە مەخسۇس ساھە بۇيىچە خەۋەر، ئىجادىيەت، تەتقىقات ۋە باشقا ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان، تارقىتىدىغان قەرەللىك نەشر بۇيۇمى.
ئەدەبىي ژۇرنال. >تىل ۋە تەرجىمە< ژۇرنىلى.
>مائار< كۈندىلىك ئىش، ۋەقە ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار خاتىرلىنىدىغان دەپتەر، خاتىرە.
سىنىپ ژۇرنىلى.
>كىنو< ھەر قايسى سەپلەردىكى ئەھۋاللار، پەن - تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنى ھەقىقىي يوسۇندا كۆرسىتىدىغان، خەۋەر قىلىدىغان فىلىم.